ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۇنتىلىۋاتقان ھايۋان ناملىرى

2016-09-30 lotun

قوي__توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قوچقار . چىشىسى __ ساغلىق . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قوزا ، توقلا .

كالا__ توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى__ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك ، سىيىر . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ موزاي .

ئۆچكە __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ تېكە . چىشىسى __ئۆچكە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ ئوغلاق .

ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ ئايغىر . چىشىسى __ بايتال . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تاي ، قۇلۇن .

ئېشەك __توپ ئاتىلىشى __ ئۇيۇر . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ ھاڭگا . چىشىسى __ مىدە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تەخەي .

__تۆگە__توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇغرا . چىشىسى __ ھېڭگان ، بالىسى بوتىلاق .

قوتاز __توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك . بالىسى __ موزاي .

توڭغۇز __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قاۋان . چىشىسى __ مىكىجىن . بالىسى __ توراي